شىمالىي ئىراقتا ئىككى تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى
«پەنچە – چاقماق» زەربە بېرىش ھەرىكىتى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1674574
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتى – پ ك ك تېررورچىلىرىغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، «پەنچە – چاقماق» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.