فاھرەتتىن ئالتۇن: «ئايا سوفىيە جامەسىنى  قايتىدىن ئىبادەتكە ئاچقان ئەردوغاندىن ئاللاھ رازى بولسۇن»

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى فاھرەتتىن ئالتۇن ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا «ئايا سوفىيە جامىسى» دېگەن خەتكۈچ بىلەن قوشۇپ ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

1673392
فاھرەتتىن ئالتۇن: «ئايا سوفىيە جامەسىنى  قايتىدىن ئىبادەتكە ئاچقان ئەردوغاندىن ئاللاھ رازى بولسۇن»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئايا سوفىيە جامەسىنى قايتىدىن ئىبادەتكە ئېچىش قارارى ئېلان قىلىنغىنىغا ساق بىر يىل بولدى.

فاھرەتتىن ئالتۇن ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىى (پارلامېنتى) دىكى قارارنىڭ ئوقۇلغان ۋاقتىغا ئالاقىدار كۆرۈنۈشلەرنى ھەمبەھىرلىدى.

فاھرەتتىن ئالتۇن پارلامېنتتا، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئالقىش سادالىرى ئىچىدە قارار ئوقۇلغان كۆرۈنۈشلەرنى ھەمبەھىرلەپ، «جۇمھۇر رەئىسىمىز ھۆرمەتلىك رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەپەندىنىڭ كۈچلۈك ئىرادىسى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن ئايا سوفىيە جامەسى قايتىدىن ئىبادەتكە ئېچىلدى. ئاللاھ جۇمھۇر رەئىسىمىزدىن رازى بولسۇن» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر