ماردىندا سۈرىيە تەرەپتىن تۈركىيە تەرەپكە ئوق ئېتىلدى

ماردىننىڭ قىزىلتەپە ناھىيەسىدە سۈرىيە تەرەپتىن ئوق ئېتىلىشى نەتىجىسىدە، بىر ئەسكەر شېھىت بولدى، ئۈچ ئەسكەر يارىلاندى.

1671556
ماردىندا سۈرىيە تەرەپتىن تۈركىيە تەرەپكە ئوق ئېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماردىننىڭ قىزىلتەپە ناھىيەسىدە سۈرىيە تەرەپتىن ئوق ئېتىلىشى نەتىجىسىدە، بىر ئەسكەر شېھىت بولدى، ئۈچ ئەسكەر يارىلاندى.

ماردىن ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، شەنيۇرت چېگرا لىنيەسىدە چارلاۋاتقان ھەربىي ئاپتوموبىلغا سۈرىيە تەرەپتىن ئوق ئېتىلدى. شوپۇرغا ئوق تېگىشى سەۋەبىدىن ئاپتوموبىل كونترولىنى يوقىتىپ ئۆرۈلۈپ چۈشتى.

بەدىنىگە ئوق تەگكەن شوپۇر جىھان چىفجىباشى دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولدى. قالغان ئۈچ ئەسكەر يارىلاندى.

يارىلانغان ئەسكەرلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر