تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 35 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 35 كىشىىگە يەتتى.

1670370
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 35 كىشى قازا قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يۇقۇم باشلانغاندىن بۇيان قازا قىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 49 مىڭ 959 كىشىگە يەتتى.

يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 219 مىڭ 737 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 4678 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 735 كىشىنى قوشقاندا، ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 5 مىليون 319 مىڭ 665 كىشىگە يەتتى.

بۇ ئارىلىقتا كوۋىد-19 غا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە بىرىنچى ۋە ئىككى قېتىم ۋاكسىنا ئەملەنگەنلەرنىڭ سانى 1 مىليون 51 مىڭ 537 كىشىگە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر