قالىن: ئالبانىيەنىڭ تىنچلىقى بالقان رايونىنىڭ تىنچلىقىدۇر

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ئالبانىيەنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىنىڭ بالقان رايونىنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1669232
قالىن: ئالبانىيەنىڭ تىنچلىقى بالقان رايونىنىڭ تىنچلىقىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالبانىيەنىڭ پايتەختى تىراندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ئىبراھىم قالىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

بالقان رايونىدىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو رامكىسى ئىچىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن دۇنياۋى مەسىلىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن قالىن: «تۈركىيە – ئالبانىيە مۇناسىۋەتلىرى يىلسېرى كۈچەيگەن ھالدا ئىلگىرىلمەكتە. بۇ مۇناسىۋەتلەرنى باشقا ساھەلەرگىمۇ كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىمىز بۇنىڭدىن كېيىن كۈچلۈك شەكىلدە داۋاملىشىدۇ» دېدى.

ئالبانىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە مۇھىم ھەمكارلىقلىرىنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلغان قالىن: «ئالبانىيەنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقى بىزنىڭ تىنچلىق ۋەمۇقىملىقىمىزدۇر، بالقان رايونىنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر