كاچىر: تۈركىيە تۈركىيە ئۆزىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ياسىيالايدىغان 10 دۆلەتنىڭ بىرى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى مەھمەت فاتىھ كاچىر: «تۈركىيە ئۆزىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى لايىھەلەپ، ياساپ، قوراللاندۇرالايدىغان 10 دۆلەتنىڭ بىرى» دېدى.

1669071
كاچىر: تۈركىيە تۈركىيە ئۆزىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ياسىيالايدىغان 10 دۆلەتنىڭ بىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرلىقىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىستانبۇل پاراخوت زاۋۇتىدا چاقىرىلغان تۈركىيە دېڭىزچىلىق ئىشلىرى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى دائىرىسىدە كۆك ۋەتەن ئىستراتېگىيەسى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

فاتىھ كاچىر يىغىندا سۆز قىلىپ، نۆۋەتتە تۈركىيەنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى لايىھەلەپ، ياساپ، قوراللاندۇرالايدىغان 10 دۆلەتنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ تۈركىيە ۋە سانائەتنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئۈچ تەرىپى دېڭىز بىلەن قورشالغان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ئەزەلدىن مەدەنىيىتىمىز ۋە مەۋجۇتلۇقىمىزغا كاپالەتلىك قىلىش، كۈچلۈك دېڭىز ئارمىيەسىگە ئىگە بولۇش نىشانىنى ياقلاپ كەلدۇق» دېدى.

ئۇ يەنە: «بىز نۇرغۇن قەھرىمان ماتروسلارنى تەربىيەلەپ چىققان مىللەت، بىز چوڭ دېڭىزلاردا غەلىبە قازانغان ئەجدادلارنىڭ ئەۋلادلىرىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر