ئالتۇن يۇتىيۇبقا نارازىلىق بىلدۈردى

فاھرەتتىن ئالتۇن، يۇتىيۇبنىڭ، شېھىت دىپلوماتلار رەسىم كۆرگەزمىسىدىكى سۆزىنى «ئۆچمەنلىكنى ئۇلغايتىش» دېگەن باھانە بىلەن بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئادرېسىدىن ئۈچۈرۈۋېتىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1668449
ئالتۇن يۇتىيۇبقا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، يۇتىيۇبنىڭ، شېھىت دىپلوماتلار رەسىم كۆرگەزمىسىدىكى سۆزىنى «ئۆچمەنلىكنى ئۇلغايتىش» دېگەن باھانە بىلەن بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئادرېسىدىن ئۈچۈرۈۋېتىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

فاھرەتتىن ئالتۇن تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا يۇتىيۇب قانىلىدىن چىقىرىۋېتىلگەن سۆزىگە ئورۇن بېرىپ: «بۇ قوش ئۆلچەمدۇر، بۇ رىياكارلىقتۇر. ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ئۆچمەنلىكلەرنى كۆرمەسكە سېلىۋاتقان، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارا تەشۋىقاتلىرىغا قولايلىق تۇغدۇرۇپ بەرگەن يۇتىيۇب، تۈرك دىپلوماتلىرىمىزنى شېھىت قىلغان قاتىل تېررورچىلار توغرىسىدىكى سۆزلىرىمىزنى ئۆچمەنلىك جىنايىتى! ھېسابلىماقتا.

سىلەرنىڭ ياقتۇرۇش — ياقتۇرماسلىقىڭلاردىن قەتئىينەزەر، پۇرسەتلا تاپساق، تېررورنىڭ تىلى، دىنى، ئىرقى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بىز (بۇ مۇناسىۋەت بىلەن) بارلىق ساھەلەردىكىگە ئوخشاشلا، مېدىيا ۋە ئۇچۇر – ئالاقە ساھەسىدىمۇ يەرلىك ۋە مىللىي مۇنبەرلەرگە ئېھتىياجىمىز بارلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ يەتتۇق. ياشىسۇن ھەقىقەت!» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر