ئەردوغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە «تىنچلىق ۋە ئەركىنلىك بايرىمى» مۇراسىملىرىغا قاتنىشىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «20 – ئىيۇل تىنچلىق ۋە ئەركىنلىك بايرىمى» مۇراسىملىرىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.

1668157
ئەردوغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە «تىنچلىق ۋە ئەركىنلىك بايرىمى» مۇراسىملىرىغا قاتنىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، بۇ يىل شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان <20 – ئىيۇل تىنچلىق ۋە ئەركىنلىك بايرىمى> مۇراسىملىرىغا ئىشتىراك قىلىدۇ، مۇراسىملارغا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدىنمۇ كۆپ ساندىكى رەھبىرىي كادىرلار قاتنىشىدۇ. بۇ يىل قىبرىس تۈركلىرى بىلەن، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بىلەن ھەمنەپەس ئىكەنلىكىمىزنى، جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا پۈتكۈل جاھانغا نامايەن قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر