تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى پولشانىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا ھاۋا بوشلۇقىدا ماي قاچىلاپ بەردى

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى پولشانىڭ 10 دانە «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىغا ھاۋا بوشلۇقىدا ماي قاچىلاپ بەردى.

1668170
تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى پولشانىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا ھاۋا بوشلۇقىدا ماي قاچىلاپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىغا ئائىت ماي قاچىلاش ئايروپىلانى بىلەن،  پولشانىڭ 10 دانە «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىغا ھاۋا بوشلۇقىدا ماي قاچىلاپ بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىمىزغا ئائىت  بىر دانە < KC-135R > تىپلىق ماي قاچىلاش ئايروپىلانى بىلەن، (ئۆزئارا ھاۋا بوشلۇقىدا ماي قاچىلاپ بېرىش ۋە توشۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش پىروگراممىسى) دائىرىسىدە، پولشا ھاۋا تەۋەلىكىدە، پولشانىڭ 10 دانە <F-16> تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىغا ھاۋا بوشلۇقىدا ماي قاچىلاپ بېرىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر