قۇرتۇلمۇش: پەلەستىن دەۋاسىنى ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق كۈنتەرتىپىگە ئايلاندۇرۇش بۇرچىمىزدۇر
نۇمان قۇرتۇلمۇش تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ئىيوردانىيە ئاۋام پالاتاسى پەلەستىن كومىتېتى ۋەكىللەر ئۈمىكىنى قوبۇل قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نۇمان قۇرتۇلمۇش ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مەركىزىي بىناسىدا تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ئىيوردانىيە ئاۋام پالاتاسى پەلەستىن كومىتېتى باشلىقى مۇھەممەد جەمىل ئەززەھراۋى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۈمىكى بىلەن كۆرۈشتى.
نۇمان قۇرتۇلمۇش ئۇچرىشىشتىكى سۆزىدە پەلەستىن دەۋاسىغا ئىگە چىقىشنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى سىياسىي خىزمەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ يالغۇز تۈركىيە ئۈچۈنلا ئەمەس، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەر ئۈچۈن ۋە بارلىق زۇلۇمغا ئۇچرىغان خەلقلەرنىڭ سېپىدە تۇرۇۋاتقان ھۆكۈمەتلەر ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئىنسانىي بۇرچتۇر» دېدى.
ئۇ، ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنى قايتىدىن ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق كۈنتەرتىپىگە ئايلاندۇرۇش ۋە خەلقئارا سەھنىدە پەلەستىن دەۋاسىغا ھەمدەم بولىدىغان بارلىق دوست ۋە ئىتتىپاقداشلارنىڭ سانىنى كۈپەيتىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «پەلەستىن دەۋاسىغا ئىگە چىقىش ئارقىلىق دۇنياۋى مەنىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئادالەت فىرونتى تەشكىل قىلالايمىز. قۇددۇس دەۋاسى بىزگە نىسبەتەن بىر سىياسىي دەۋادىنلا ئىبارەت ئەمەس، ئىمانىمىز ۋە ئېتىقادىمىزنىڭ تەلىپىدۇر. قۇددۇسقا، مەسجىدى ئەقساغا ۋە قۇددۇسنىڭ ئۇ شەرەپلىك ئورنىغا ئاداققىچە ئىگە چىقىش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.