مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT) تېررورچىلارغا قارشى نۇقتىلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT) تەرىپىدىن ئىراقنىڭ شىمالىدىكى سۇلايمانىيە شەھرىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە، بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئەزاسى ماھىيە ئاچىك بىلەن سۈرىيە پۇقراسى روھا راجى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

1667413
مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT) تېررورچىلارغا قارشى نۇقتىلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  پ ك ك/ ك ج ك كاتىۋاشلىرىنىڭ قاندىلنىڭ جەنۇبىغا ۋە سۇلايمانىيەگە ئاتالمىش ​​رەھبەر سەۋىيەسىدىكى تېررورچىلارنى ئەۋەتمەكچى بولغانلىقى مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT) تەرىپىدىن ئېنىقلاندى.

تېررورلۇق تەشكىلاتنىڭ رايوندا ئاخبارات توپلاش ۋە يەرلىك ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئاسوس تېغى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتنىڭ ئاتالمىش ​​رەھبەرلىرىنى قاندىل، گارا ۋە مېتىنا قاتارلىق توقۇنۇش رايونلىرىدىن قاچۇرۇش ئۈچۈن بىخەتەر يول ۋە پاناھلىنىش جايلىرى ئىزدەۋاتقانلىقى كۆزۈتۈپ بېكىتىلدى.

يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلات باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ھەرىكەت رايونىدىن قاچۇرۇلۇپ، يەرلىك خەلق ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا يۆتكىلىشىنى توسۇپ قىلىش ئۈچۈن مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT) تەرىپىدىن سۇلايمانىيە ۋىلايىتىگە قاراشلىق شەربازار ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە، 2014-يىلى تەشكىلاتقا قېتىلغان ماخىيە ئاچىك ۋە 2015 – يىلى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتناشقان سۈرىيەلىك ئەكىن روجاۋا لەقەملىك روھا راجى ئۇجۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر