قايىل قىلىش تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە 3 تېررورچى تەسلىم بولدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قاچقان 3 تېررورچى بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا تەسلىم بولدى.

1665361
قايىل قىلىش تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە 3 تېررورچى تەسلىم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، مىنىستىرلىقنىڭ ماسلىشىشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان قايىل قىلىش تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە 3 نەپەر پ ك ك تېرورچىسى بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا تەسلىم بولغان.

تېرورچىلارنىڭ 2013-يىلدىن 2015-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا پ ك ك غا قاتناشقانلىقى ۋە سۈرىيە بىلەن ئىراقتا پائالىيەت قىلغانلىقى ئېنىقلاندى.

قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، بۇ يىل تەسلىم بولغان تېررورچىلارنىڭ سانى 89 غا يەتتى.

بۇ ئارىلىقتا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى شېرناك مەركىزى بېستلېر دېرېل رايونىدا  2 نەپەر پ ك/ ك ج ك تېرورچىسىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

«Eren-13» ھەرىكىتى دائىرىسىدە، رايوندىكى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتلەر ئۈزلۈلكسىز داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر