تۇركوۋاكنىڭ ۋىرۇسنىڭ ئەنگلىيە ۋارىيانتىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئېنىقلاندى

تۈركىيەدە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان يەرلىك ۋاكسىنا «تۇركوۋاك»نىڭ ۋىرۇسنىڭ ئەنگلىيە ۋارىيانتى دەپ ئاتىلىۋاتقان غىمۇ تاقابىل تۇرالايدىغانلىقى ئېنىقلاندى.

1664545
تۇركوۋاكنىڭ ۋىرۇسنىڭ ئەنگلىيە ۋارىيانتىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئېنىقلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇركوۋاكنىڭ ھايۋانلار ئۈستىدىكى سىناقلىرىنىڭ غەلىبىلىك ئاخىرلاشقانلىقى  بىلدۈرۈلدى.

يېقىندا ئۈچىنچى باسقۇچلۇق سىناقلىرىنى باشلىغان يەرلىك ۋاكسىنا — تۇركوۋاكقا ئالاقىدار خۇش خەۋەرنى قەيسەرى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتى مودىرى پىروفېسسور دوكتور مۇستافا چالىش جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.

تۇركوۋاكنىڭ ۋىرۇسنىڭ ئەنگلىيە ۋارىيانتىنى چۆرىدىگەن ھالدا چاشقانلار ئۈستىدە سىناق قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن چالىش: «ۋاكسىنىمىز — تۇركوۋاكنى چاشقانلار ئۈستىدە سىناق قىلىپ، ئۇنىڭ ئەنگلىيە ۋارىيانتىغا قارشى ئۈنۈمىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆردۇق. بۇنىڭ خۇش خەۋىرىنى ئورتاقلاشقۇم كەلدى» دېدى.

ئۇ، تۇركوۋاكنىڭ ۋىرۇسنىڭ باشقا ۋارىيانتلىرىغا قارشى ئۈنۈمى توغرىسىدا توختىلىپ، ئومۇمىي پەن – تەتقىقاتچىلارنىڭ پاسسىپ ۋاكسىنىلارنىڭ نۇرغۇن ۋارىيانتلارغا قارشى ئۈنۈمى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھالدا: «تۇركوۋاكنىڭ بالدۇرراق ھەم دۆلىتىمىز، ھەم دۇنيادا ئەملىنىدىغان ھالەتكە كەلگەنلىكىنى كۆرۈشنى خالايمىز. بۇنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتمەكتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۇركوۋاكنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچلۇق سىناق خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

بۇ باسقۇچ غەلىبىلىك ئاخىرلاشقان تەقدىردە، جىددىي ئىشلىتىش ئىجازىتى بىلەن مىليونلارچە كىشى شىپا بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر