ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن يېپىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى

جۇمھۇر رەئىس، ھەمدە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.

1664123
ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن يېپىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مەركىزىي بىناسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان يېپىق ئۇچرىشىش ئۈچ سائەتكە يېقىن داۋاملاشتى.

يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان پارلامېنت ئەزالىرىغا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئادۋوكاتى دوتسېنت دوكتور ھۈسەيىن ئايدىننىڭ 2016 – يىلى 15 – ئىيۇلدىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى تەپسىلىي بايان قىلىنغان «ئەسىرگە تەڭداش كېچە» ناملىق ھەدىيە قىلىندى.


خەتكۈچ: #ئەردوغان

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر