تۈركىيەدە بۈگۈن65يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 65كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1663574
تۈركىيەدە بۈگۈن65يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن65كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى49مىڭ 358گە يەتتى.

بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 224مىڭ 238ئادەمنىڭ 550نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.

كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 5مىڭ 809كە يەتتى.

سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ بالنىستتىن چىققان5مىڭ917ئادەمنى قوشقاندا جەمئىي سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 5 مىليون 248مىڭ 862گە يەتتى.


خەتكۈچ: #ۋىرۇس , #ۋابا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر