تۈركىيەدە 18 ياشقا كىرگەنلەرنى ئەملەش باشلىنىدۇ

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) بىلىم كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، جۈمە (2021-يىلى 25-ئىيۇل) كۈنىدىن باشلاپ 18 ياشقا كىرگەن ھەممە كىشىنىڭ ۋاكسىنا ئەملىتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1663578
تۈركىيەدە 18 ياشقا كىرگەنلەرنى ئەملەش باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) بىلىم كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، جۈمە (2021-يىلى 25-ئىيۇل) كۈنىدىن باشلاپ 18 ياشقا كىرگەن ھەممە كىشىنىڭ ۋاكسىنا ئەملىتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ دېلتا ۋارىياتنتى ئۈستىدە توختىلىپ: «دېلتا پلاس ۋارىيانتىنى دۆلىتىمىزدە بايقىمىدۇق. دېلتا ۋارىيانتىغا مۇناسىۋەتلىك 134 ۋەقە بايقالدى. جەمئىي 16 ۋىلايىتىمىزدە كۆرۈلدى. ئەڭ كۆپى ئىستانبۇلدا بايقالدى» دېدى.

ئۇ ئىككى قېتىملىق ۋاكسىنانىڭ دېلتا ۋارىيانتىغا ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، كېيىنكى كۈنلەردە ئىككى قېتىملىق ۋاكسىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئالتە ھەپتىلىك ۋاقىتنى تۆت ھەپتىگە قىسقارتىشلىرى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر