سىرتقا چىقىش چەكلىمىلىرى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كابېنت يىغىنىدىن كېيىن، 1-ئىيۇل (2021) دىن باشلاپ سىرتقا چىقىش چەكلىمىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1662266
سىرتقا چىقىش چەكلىمىلىرى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كابېنت يىغىنىدىن كېيىن، 1-ئىيۇل (2021) دىن باشلاپ سىرتقا چىقىش چەكلىمىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىناسى ئەملەش پىروگراممىسى توغرىسىدا توختىلىپ: «يېقىنقى بىر ھەپتىدە نوپۇس نىسبىتى بويىچە ھېسابلىغاندا ئەڭ كۆپ ۋاكسىنا ئەملەنگەن دۆلەت بولدۇق. نىشانىمىز بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە 18 ياشتىن يۇقىرى نوپۇسىمىزنىڭ ھەممىسىنى ئەملەشنى باشلاش» دېدى.

بۈگۈن ئەنقەرە ۋاقتى 19:57 گىچە تۈركىيە مىقياسىدا بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق ئەملەنگەن ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى سانى 42 مىليون 677 مىڭ 214كە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر