فاھرەتتىن كوجا: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 1 مىليون 538 مىڭ 144 كىشىگە ۋاكسىنا ئەملەندى

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسقا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 1 مىليون 538 مىڭ 144 كىشىگە ۋاكسىنا ئەملەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

1661020
فاھرەتتىن كوجا: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 1 مىليون 538 مىڭ 144 كىشىگە ۋاكسىنا ئەملەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فاھرەتتىن كوجا تۈنۈگۈن تۋىتتېر ھېسابىدىكى باياناتىدا، «سائەت 00.00 گىچە داۋاملاشقان ۋاكسىنا ئەملەش سانى 1 مىليون 538 مىڭ 144 كە يەتتى. بىزنىڭ ۋاكسىنا گۇرۇپپىمىزنىڭ 24 سائەت ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئىشلەتكەن سۆزى «نۆۋىتى كەلگەنلەر!» دېيىش بولدى. شۇنچە قىسقا سۆز بىلەن بۇنچە كۆپ خىزمەتنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرگىلى بولامدۇ؟» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر