«يېشىل كاتېگورىيە» دە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچى تەسلىم بولدى
«تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تېررورچىلار تىزىملىكى» دە «يېشىل كاتېگورىيە» دىن ئورۇن ئالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك مەنسۇبى، قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە تەسلىم بولدى.
1660564
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مىنىستىرلىقنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك دىن قاچقان «ئەردال ئۇغۇر» تەخەللۇسلۇق ئۆزگۈر ئابىقنىڭ، ماردىندا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، 2009 – يىلى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك نىڭ سېپىگە قېتىلغان، ئىراق ۋە سۈرىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان مەزكۇر تېررورچىنىڭ، ئاخىرىدا گاپ رىنا ساھەسىدە مەسئۇل سەۋىيەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنى ئاتىنادا ئېچىلدى
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى يىغىنى ئاتىنا (ئافىنا)دا ئۆتكۈزۈلدى.