ئەردوغان ئانتاليادا ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئانتاليادا شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى ۋە دىپلوماتىيە مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان رەھبەرلەر بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1660371
ئەردوغان ئانتاليادا ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا
Bosna-Hersek Devlet Baskanligi Konseyi uyeleri-Erdogan2.jpg
Bosna-Hersek Devlet Baskanligi Konseyi uyeleri-Erdogan1.jpg
Bosna-Hersek Devlet Baskanligi Konseyi uyeleri-Erdogan.jpg
Stevo Pendarovski-Erdogan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن ئالدى بىلەن،  ئۆزى تۇرۇۋاتقان مېھمانسارايدا، شىمالىي ماكېدونىيە پىرېزىدېنتى ستېۋو پېنداروۋسكى بىلەن كۆرۈشتى. ئاخبارات ۋاستىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان كۆرۈشۈش، تەخمىنەن 40 مىنۇت داۋاملاشتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، كېيىنچە بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا پىرېزىدېنت كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولدى. بۇ ئۇچرىشىشمۇ ئاخبارات ۋاستىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئەردوغان ئاخىرىدا، سېربىيە باش مىنىستىرى ئانا بىرنابىك ۋە كىرودىيە باش مىنىستىرى ئاندرېج پلېنكوۋىچ بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر