ئەردوغان: دۇنيادىكىلەرنىڭ تەقدىرىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تاشلاپ قويغىلى بولمايدۇ

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا تۈزۈمنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان ئاساسلىق قۇرۇلمىلار، مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەمەس، مەسىلىنىڭ بىر پارچىسى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1660808
ئەردوغان: دۇنيادىكىلەرنىڭ تەقدىرىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تاشلاپ قويغىلى بولمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك تەسىرلىرىگە تاقابىل تۇرۇشتا ئوڭۇشلۇق بولالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تارىختىكى ئەڭ چوڭ سەھىيە كىرىزىسىنى ئارىدىن 100 كۈن ئۆتكەندە ئاندىن كۈتتۈرتىپىگە قويالىدى. ۋابا مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلگەن خاتالارنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن ۋاكسىنا مىللەتچىلىكىگە پۇرسەت بېرىلمەسلىكى ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.

ئۇ ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرىدە، تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى مەزگىلىدە 158 دۆلەتكە ۋە 12 خەلقئارالىق تەشكىلاتقا سەھىيە بۇيۇملىرى ئەۋتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرۇشنى پىلان قىلغان ۋاكسىنا تەتقىقاتلىرىمىزنى ئىنساننى ۋە دۇنياۋىيلىقنى مەركەز قىلغان ھالدا داۋاملاشتۇرىمىز. يەرلىك ۋاكسىنامىزنى ئىنشائاللاھ پۈتكۈل ئىنسانىيەت بىلەن ئورتاقلىشىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

«ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا تۈزۈمنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان ئاساسلىق قۇرۇلمىلار، مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەمەس، مەسىلىنىڭ بىر پارچىسى بولماقتا. بۇ ئورگانلار بىلەن 21-ئەسىردىكى سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرالمايمىز. تەخمىنەن 8 مىليارد كىشىنىڭ تەقدىرىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسىنىڭ ئىنسابىغا تاشلاپ قويغىلى بولمايدۇ. 190 دۆلەتكە مۇئەييەن مۇددەتكىچە ئۈستەلدە ئولتۇرۇش ھوقۇقى تونىغان، بىراق ئۆز تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك سۆز قىلىش ھوقۇقى بەرمىگەن تۈزۈم ئادالەت ئەكىلەلمەيدۇ. ئادالەت بولمىغان جايدا، ئىختىلاپ ۋە زوراۋانلىق كەم بولمايدۇ. ھەق-ئادالەتنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا، سۈرىيەدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان پ ك ك،ي پ گ ۋە دائېشقا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن مەيداندا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسەتكەن تۇنجى دۆلەتنىڭ تۈركىيە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «دائېشنىڭ 4 مىڭ 500 ئەزاسىنى بىر تەرەپ قىلدۇق. بۈگۈنگىچە 430 مىڭ سۈرىيەلىكنىڭ يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. ئۇلارنى چېدىرلاردىن قۇتقۇزۇۋاتىمىز. ‹بىرىكەت ئۆي› گە ئوخشاش لايھىلەر بىلەن ئۇلارنى قوللاۋاتىمىز.

دۆلىتىمىزدە پۇقرالارنى ئۆلتۈرگەن قاتىللارغا سىياسىي سالاھىيەت بېرىلىپ، يىللارچە پايدىلىنىلدى. جەنۇبىي چېگرامىز بويىچە تېررورلۇق دۆلىتى قۇرۇشقا ئۇرۇنۇلدى. سۈرىيەدە تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش تۈركىيەنىڭلا ئەمەس، بەلكى ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر» دېدى.

ئۇ شەرقىي ئاقدېڭىز توغرىسىدىمۇ توختالدى ۋە مۇنداق دېدى:

«شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدە قارشىلىشىشنىڭ ئورنىغا، ئۆزئارا ھەمكارلىشىشنىڭ ۋەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇش بىزنىڭ قولىمىزدا. ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە كومپاسنىڭ بىر پۇتىنى تۈركىيەگە مۇقىملاشتۇرۇپ، باشقىلىرى بىلەن ئافرىقادىن لاتىن ئامېرىكاغىچە ۋە تىنچ ئوكياندىن ئاسىياغىچە بولغان بارلىق جۇغراپىيەلەردە ھەمكارلىقلارنى ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر