تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى «يېمەك - ئىچمەك ئىكرام قىلىش» مۇلازىمىتىنى باشلايدۇ

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بۈگۈندىن ئېتىبارەن بارلىق تاشقى لىنىيە ئايروپىلان سەپەرلىرىدە يېمەك - ئىچمەك ئىكرام قىلىش مۇلازىمىتىنىڭ قايتا باشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1660628
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى «يېمەك - ئىچمەك ئىكرام قىلىش» مۇلازىمىتىنى باشلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى، دۇنيا مىقياسىدا ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىتىنىڭ كۆپىيىشكە باشلىشى ۋە ھەرقايسى ئللەردە كۈندىلىك ھاياتنىڭ نورماللىشىشقا باشلىشىدىن كېيىن،  «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن توختاتقان تاشقى لىنىيە ئايروپىلان سەپەرلىرىدىكى يېمەك - ئىچمەك ئىكرام قىلىش مۇلازىمىتىنى يېڭىدىن باشلاش توغرۇلۇق قارار چىقاردى.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى بىلال ئەكشى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۈگۈندىن ئېتىبارەن بارلىق تاشقى لىنىيە ئايروپىلان سەپەرلىرىدە يېمەك - ئىچمەك ئىكرام قىلىش مۇلازىمىتىنى باشلايدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر