تۈركىيە دۇنيادا ئەڭ كۆپ مۇساپىرغا ساھىبخانلىق قىلغان دۆلەت

ب د ت مۇساپىرلار كومىسسارىياتىنىڭ بۇ يىللىق(2021)يەر شارى يۈزلىنىش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا،دۇنيادا زوراۋانلىق ۋە زۇلۇم سەۋەبىدىن يۇرتىدىن ئايرىلغانلار سانى10يىلدا رېكورت سەۋىيەدە ئاشقان بولۇپ،2020-يىلى82 مىليون400مىڭدىن ئارتۇق كىشى يۇرتلىرىدىن ئايرىلغان.

1660760
تۈركىيە دۇنيادا ئەڭ كۆپ مۇساپىرغا ساھىبخانلىق قىلغان دۆلەت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆتكەن يىلى (2020) ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) يۇقۇمى سەۋەبىدىن يولغا قويۇلغان ساياھەت چەكلىمىلىرىگە قارىماي، تەخمىنەن 3 مىليون كىشى يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان.

ئۆز دۆلەتلىرىدىن ئايرىلغانلارنىڭ بېشىدا سۈرىيەلىكلەر بار بولۇپ، ۋېنېزۇئېلالىقلار، ئافغانىستانلىقلار، جەنۇبىي سۇدانلىقلار ۋە ئاراكان مۇسۇلمانلىرىمۇ ئورۇن ئالغان.

يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلارنىڭ %42 نى 18 ياشتىن تۆۋەن بالىلار تەشكىل قىلغان بولسا، 2020-2018-يىللىرى ئارىسىدا تەخمىنەن 1 مىليون بالا مۇساپىر ھالەتتە دۇنياغا كەلگەن.

ب د ت مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيە ئەڭ كۆپ مۇساپىر قوبۇل قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان. تۈركىيە 3 مىليون 700 مىڭ مۇساپىرغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى يەتتە يىلدىن بۇيان دۇنيادا ئەڭ كۆپ مۇساپىر پاناھلىنىۋاتقان دۆلەتكە ئايلانغان. تۈركىيەدىن قالسا، كولومبىيەدە 1.7 مىليون، پاكىستاندا 1.4 مىليون، ئۇگاندادا 1.4 مىليون ۋە گېرمانىيەدە 1.2 مىليون مۇساپىر پاناھلانماقتا ئىكەن.

دوكلاتتا، ۋۇخەنۋىرۇسى چەكلىمىلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى بىلەن دۇنيادا توقۇنۇشلارنىڭ كۆپىيىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ بۇ ئەھۋالنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر