«خەلقئارا ئانادولۇ بۈركۈتى مانېۋىرى» تەييارلىق خىزمىتى تاماملاندى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «خەلقئارا ئانادولۇ بۈركۈتى – 2021 ھەربىي مانېۋىرى» غا قاتنىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا ئارمىيەسى خادىملىرى ۋە ئايروپىلانلىرىنىڭ كونيا كېلىش خىزمىتىنىڭ تاماملىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1660689
«خەلقئارا ئانادولۇ بۈركۈتى مانېۋىرى» تەييارلىق خىزمىتى تاماملاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، «خەلقئارا ئانادولۇ بۈركۈتى – 2021 ھەربىي مانېۋىرى (AE-21)» نىڭ، 21 – ئىيۇندىن 2 – ئىيۇلغىچە كونيادىكى 3-ئاساسلىق ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى، ھەربىي مانېۋىرغا قاتنىشىدىغان دۆلەتلەر ۋە ھاۋا ئارمىيەلىرى خادىملىرى ۋە ئايروپىلانلىرىنىڭ كونيا كېلىش خىزمىتىنىڭ تاماملانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر