چاۋۇشئوغلۇ بورېل بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېل بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

1660620
چاۋۇشئوغلۇ بورېل بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئانتاليادا چاقىرىلغان شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇساپىسى باشلىقلار يىغىنى ۋە ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېل بىلەن بىر يەرگە جەم بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇچرىشىشتا، تاموژنا بىرلىكىنىڭ بەلگىلىمىلىرىنىڭ يېڭىلىنىشى، كۆچمەنلىك ۋە ۋىزىسىز ساياھەت مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى كۈنتەرتىپ ماددىلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر