ئەردوغان سېربىيە ۋە كىرودىيە باش مىنىستىرلىرىنى قوبۇل قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سېربىيە باش مىنىستىرى ئانا برنابىچ ۋە كىرودىيە باش مىنىستىرى ئاندرېج پلېنكوۋىچنى ئايرىم-ئايرىم قوبۇل قىلدى.

1659931
ئەردوغان سېربىيە ۋە كىرودىيە باش مىنىستىرلىرىنى قوبۇل قىلدى
Ana Brnabic-Erdogan.jpg
Andrej Plenkovic-Erdogan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئانتاليادا ئۆزى تۇرۇۋاتقان مېھمانخانىدا، شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى ۋە ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئانتالياغا يېتىپ كەلگەن سېربىيە باش مىنىستىرى برنابىچ بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇ ئارقىدىن كىرودىيە باش مىنىستىرى پلېنكوۋىچنى قوبۇل قىلدى.

ھەر ئىككى ئۇچرىشىش، ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر