جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئانتاليادا

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە ئانتالياغا كەلدى.

1659665
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئانتاليادا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئانتاليادا بۈگۈن چاقىرىلىدىغان شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا ھەمكارلىق مۇساپىسى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنىغا، ئەتە ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

ئانتاليا، 17 – 20 – ئىيۇن كۈنلىرى، شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا ھەمكارلىق مۇنبىرى يىغىنىدىن سىرت يەنە، ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇبىرى يىغىنىغىمۇ ساھىبخانىلىق قىلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلىدىغان ھەر ئىككى يىغىندا چىقىرىلىدىغان قارارلار ئارقىلىق «شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپانىڭ 2030 – يىللىق ئىستىراتېگىيەلىك ھۆججىتى» تەييارلىنىدۇ.

يىغىنلار، ھەم تۈركىيە ھەم ئانتاليانى تونۇشتۇرۇشقا ھەسسە قوشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر