ۋاكسىنا ئەملەشتە بىر مىليون رېكورتى بۇزۇپ تاشلاندى

تۈركىيەدە «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە تۈنۈگۈن بىر كۈن ئىچىدە 1مىليون قۇتا ۋاكسىنا ئەملىنىپ رېكورت بۇزۇپ تاشلاندى.

1659034
ۋاكسىنا ئەملەشتە بىر مىليون رېكورتى بۇزۇپ تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە ئەملىنىۋاتقان بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ۋاكسىنا قۇتىلىرىنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 1مىليون 240 مىڭ 311 گە يەتتى.

سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ «covid19asi.saglik.gov.tr» ئىنتېرنېت ئادرېسىدىن ئورۇن ئالغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەملەنگەن ۋاكسىنا قۇتىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 36 مىليون 95 مىڭ 162 گە يەتكەن.

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا، تۈنۈگۈن (2021-يىلى 16-ئىيۇن) ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، 1مىليون قۇتا ۋاكسىنا ئەملەش نىشانىغا يەتكەنلىكلىرىنى، جۈملىدىن، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 1مىليون 240 مىڭ 311 قۇتا ۋاكسىنا ئەملەنگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر