ئەمىنە ئەردوغان بىريۇسسېلدا تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئايالى ئەمىنە ئەردوغان تۈنۈگۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن مائارىپ فوندى جەمئىيىتىنىڭ مەسلىھەت يىغىنىغا قاتناشتى.

1658197
ئەمىنە ئەردوغان بىريۇسسېلدا تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەمىنە ئەردوغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن يازمىسىدا، «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن بىريۇسسېلدە مائارىپ فوندى جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان مەسلىھەت يىغىنىدا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە قىز ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە دائىر پىكىر ئالماشتۇردۇق. ھەر بىرىگە قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىدە ئۇتۇقلۇق تىلەيمەن» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر