جو بايدىن: «ئەردوغان بىلەن ئۇزۇن مۇزاكىرىلەشتۇق، ياخشى ھېسسىياتتىمەن»

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن تۈنۈگۈن بىريۇسسېلدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشىغا دائىر سوئاللارغا جاۋاپ بەردى.

1658617
جو بايدىن: «ئەردوغان بىلەن ئۇزۇن مۇزاكىرىلەشتۇق، ياخشى ھېسسىياتتىمەن»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن تۈنۈگۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئېلىپ بارغان ئافغانىستان تېمىسىغا دائىر مۇزاكىرىلىرى ھەققىدە سورالغان سوئالغا جاۋاپ بېرىپ، «بىز ئۇزۇن مۇزاكىرىلەشتۇق، مۇزاكىرىمىزگە دائىر ياخشى ھېسسىياتتىمەن» دېدى.

بايدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا رەھبەرلىرى يىغىنى ئۈچۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ رەئىسى چارلېز مىشېل بىلەن كۆرۈشتى.

يىغىنغا كىرىش جەريانىدا بىر مۇخبىر جو بايدىندىن، «تۈنۈگۈن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىىتڭىزدە تۈركىيەنىڭ ئافغانىستاندا مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قېلىشى ھەققىدە كېلىشىم  ھاسىل قىلدىڭىزمۇ؟ بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلدىڭىزمۇ؟» دەپ سورىدى.

بايدىن جاۋاب بېرىپ: «بىز ئۇزۇن مۇزاكىرىلەشتۇق، مۇزاكىرىمىزگە دائىر ياخشى ھېسسىياتتىمەن» دېدى.

بايدىن باشقا سوئاللارغا جاۋاب بەرمەستىن، ۋون دېر لېيېن ۋە مىشېل بىلەن كۆرۈشۈشكە ئۆتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر