جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەزەربەيجانغا يۈرۈپ كەتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇغا يۈرۈپ كەتتى.

1658165
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەزەربەيجانغا يۈرۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ كۈتۈۋېلىنىدىغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بۇ قېتىمقى رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا، ئارىدىن 28 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەزەربەيجان ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئەرمېنىيە ئىشغالىدىن ئازاد قىلىنغان تاغلىق قاراباغنىڭ شۇشا شەھىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىلھام  ئەلىيېۋ بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، كېلىشىملەرنى ئىمزالاش مۇراسىمى ۋە قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ، ھەمدە شەھەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر