دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى دائېشنىڭ ئاتالمىش مەسئۇلىنى تۈركىيەگە كەلتۈردى

تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى (MİT) تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئاتالمىش «تۈركىيە ۋىلايىتى مەسئۇلى» قاسىم گۈلەرنى  سۈرىيەدە ئىشقا ئاشۇرغان ئاختۇرۇش – تۇتۇش ھەرىكىتى داۋامىدا قولغا چۈشۈرۈپ تۈركىيەگە كەلتۈردى.

1658279
دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى دائېشنىڭ ئاتالمىش مەسئۇلىنى تۈركىيەگە كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىشلىرى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى، «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار» كاتېگورىيەسىدىن ئورۇن ئالغان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئاتالمىش «تۈركىيە ۋىلايىتى مەسئۇلى» ئەبۇ ئۇسامە ئەتتۈركى تەخەللۇسلۇق قاسىم گۈلەرنىڭ، سۈرىيەدىن تۈركىيەگە قانۇنسىز يوللار بىلەن ئۆتۈپ، تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

ئىزىغا چۈشۈلگەن گۈلەر، سۈرىيەدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئاختۇرۇش - تۇتۇش ھەرىكىتى داۋامىدا قولغا چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، سوراق قىلىنىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلتۈرۈلگەن.

گۈلەرنىڭ قورال – ياراغ ۋە پارتلاتقۇچلار بىلەن قانۇنسىز يوللار بىلەن تۈركىيەگە ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان.

«قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار» كاتېگورىيەسىدە ئىزىغا چۈشۈلۈپ تۇتۇلغان تۇنجى دائېش مەنسۇبى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن قاسىم گۈلەردىن كۆپ ساندا دائېشقا ئائىت ھۆججەتلەر ۋە مەخپىي مەلۇماتلارمۇ قولغا چۈشۈرۈلگەن.

گۈلەرنىڭ 2008 – 2010 – يىللىرى ئافغانىستان – پاكىستان رايونىغا ئۆتۈپ، توقۇنۇش ساھەلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى، 2014 – يىلى دائېشنىڭ سېپىگە قېتىلغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان.

دائېش قارمىقىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن قاسىم گۈلەرنىڭ، دائېشنىڭ ئاتالمىش رۇسىيە، ياۋروپا ۋە تۈركىيە مالىيە ئىشلىرى مەسئۇلى بولغانلىقىمۇ ئوتتۇرىغا چىققان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر