بالىكەسىردە نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

بالىكەسىردە گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 8 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1658172
بالىكەسىردە نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرى، بالىكەسىرنىڭ ئايۋالىق ناھىيەسى دېڭىز ساھىللىرىدا بىر گۇرۇپپا كۆچمەننىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 8 كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى، ئاندىن ئۇلارغا كىيىم – كېچەك، يېمەك – ئىچمەك ۋە تېببىي لازىمەتلىكلەر ياردەم قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر