ئەردوغاننىڭ ئەزەربەيجان زىيارىتى ئەتە باشلىنىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەزەربەيجانغا قىلىدىغان ئىككى كۈنلۈك رەسمىي زىيارىتى ئەتە باشلىنىدۇ.

1657736
ئەردوغاننىڭ ئەزەربەيجان زىيارىتى ئەتە باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ تەكلىپىگە بىىنائەن ئىشقا ئاشۇرىدىغان زىيارىتىدە، ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىنغان، ئارىدىن 28 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەزان ساداسى ئاڭلانغان، تارىخىي ۋە مەدەنىيەت بايلىقلىرى ھەم تەبىئىي گۈزەللىكلىرى بىلەن قاراباغنىڭ سىمۋول شەھىرى دەپ ئاتالغان شۇشادا ئۇچرىشىشلاردا بولىدۇ.

شۇشا ۋالىي مەھكىمىسىدە 15 – ئىيۇن سەيشەنبە كۈنى ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىنىدىغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئەلىيېۋ بىلەن ئايرىم كۆرۈشىدۇ، ھەمدە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، شۇشانى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاغلىق قاراباغنى قايتا قۇرۇپ چىقىش ۋە گۈللەندەرەش ئۈچۈن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان لايىھەلەرگە ئالاقىدار سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەردىكى كېلىشىملەر ئىمزالىنىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت ئەلىيېۋ كېيىنچە شۇشادا ئۇچرىشىشلاردا بولىدۇ.

ئەردوغان، 16 – ئىيۇن چارشەنبە كۈنى ئەزەربەيجان پارلامېنت باشلىقى ساھىبە گافاروۋا بىلەن كۆرۈشىدۇ، ھەمدە ئەزەربەيجان پارلامېنتىغا خىتاب قىلىدۇ.

ئۇ، 2021 – يىلللىق ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبۇل مۇسابىقىسىگە چۈشىدىغان ئا دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى ئەزەربەيجاندىن كۆرىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، باكۇ ئولىمپىك تەنتەربىيە زالىدا تۈركىيە – گاللېر ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىنى كۆرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر