تۈركىيەدە بۈگۈن74يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 74كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1657924
تۈركىيەدە بۈگۈن74يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن74كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى48مىڭ 795كە يەتتى.

بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 219مىڭ 290ئادەمنىڭ 428نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.

كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 5مىڭ 626گە يەتتى.

سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ بالنىستتىن چىققان4مىڭ585ئادەمنى قوشقاندا جەمئىي سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 5 مىليون 206مىڭ 836گە يەتتى.


خەتكۈچ: #ۋابا , #ۋىرۇس

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر