فاھرەتتىن ئالتۇن ناتونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۇقۇمىنىڭ ئۆزگىرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن يېقىنقى 10 يىلدا ئۆزگەرگەن رايونۇق خەۋپسىزلىك دىنامىكلىرىدىن كېيىن، ناتونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۇقۇمىنى يېڭىلاش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1657424
فاھرەتتىن ئالتۇن ناتونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۇقۇمىنىڭ ئۆزگىرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ئەلجەزىرە تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ 1952-يىلى ناتوغا ئەزا بولغاندىن بۇيان مۇستەھكەم ناتو ئىتتىپاقدىشى بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ئورتاق خەۋپسىزلىك ئۈچۈن قىيىنچىلىقلارغا قارشى كۈرەشتە ھەر دائىم ئالدىنقى سەپتىن ئورۇن ئالغانلىقىنى تەكىتلەپ، تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە رايوندىكى تىنچلىق ئۈچۈن ناتونىڭ ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان تەشكىلات ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «يېقىنقى 10 يىلدا ئۆزگەرگەن رايونلۇق خەۋپسىزلىك دىنامىكلىرىدىن كېيىن، ناتونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۇقۇمىنى يېڭىلاش ۋاقتى يېتىپ كەلدى» دېدى.

ئۇ يېڭى ئۇقۇمنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) دىن باشقا، يېقىنقى يىللاردا تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرگەن رايونلۇق ۋە يەر شارى دىنامىكلىرى ئارىسىدا دۆلەت مەنپەئەتلىرىنى ئىتتىپاقنىڭ مەنپەئەتلىرى بىلەن مۇرەسسەلەشتۈرۈش ئېھتىياجىنى قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئاشقۇن ئوڭچى تېررورلۇق ۋە ئىسلامغا قارشى ھۇجۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ھەر تۈرلۈك تېررورلۇق ھەققىدە ئوخشاش پوزىتسىيە تۇتۇش، بۇلارغا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن بىر ئىستراتېگىيە ئۈستىدە كېلىشىش ئەڭ مۇھىم ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىشلاردىن بىرى بولۇشى كېرەك» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاقنىڭ كوللېكتىپ خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئۈستىگە چۈشكەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «جاپا-مۇشەققەتلەرنى بۆلۈشۈش، ھەربىي خامچوتلار ۋە ناتوغا قوشقان تۆھپىلەر بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، رايونىمىزدىكى كۆچمەنلەر كىرىزىسىنى يىڭىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. 4 مىليوندىن ئارتۇق كۆچمەنگە ساھىبخانلىق قىلغان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىتتىپاقداشلىرىمىزدىن بۇ تارىخىي سىناقتا زىممىسىگە چۈشكەن ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىشىنى ۋە تېخىمۇ ئىجابىيلىققا ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ئۇ تېررورلۇق ۋە رايونلۇق مۇقىمسىزلىق تەھدىتلىرىگە دۇچ كەلگەن تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا يېتەرلىك كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا قەتئىي قارارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ناھايىتى ئەپسۇسكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ بۇ كۈرىشىگە ئۆرنەك بولغىدەك قوللاشنى كۆرسىتەلمىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر