فەتھىيەدە بىر توپ كۆچمەنلەر تۇتۇلدى

مۇغلانىڭ فەتھىيە ناھىيەسىدە قانۇنسىز يوللار بىلەن چەت ئەللەرگە ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان 97 كۆچمەن تۇتۇلدى.

1657249
فەتھىيەدە بىر توپ كۆچمەنلەر تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتھىيە قوراللىق ساقچى قىسىم خادىملىرى بىر گۇرۇپپا كۆچمەننىڭ چەت ئەلگە ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتتى.

جەننەت كويۇ رايونىدىكى تاغلىق رايوندا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەردە، 36 ئافغانىستانلىق، 32 سۈرىيەلىك، 19 پاكىستانلىق، تۆت مىسىرلىق، ئۈچ ئىراقلىق ۋە ئۈچ پەلەستىنلىك تۇتۇلدى.

كۆچمەنلەر توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنىڭ بېجىرىلىشى ئۈچۈن قىزىل دېڭىز قاراۋۇلخانىسىغا ئاپىرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر