ئەردوغان ئەتە بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا زىيارەتتە بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەتە ئۆتكۈزۈلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلغا بارىدۇ.

1656901
ئەردوغان ئەتە بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى بىلەن ئۆزئارا ئۇچرىشىشلاردا بولىدۇ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن، لىتۋانىيە پىرېزىدېنتى گىتاناس نائۇسېدا، لاتۋىيە پىرېزىدېنتى ئېگىلس لېۋىتس، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى بورىس جونسون، گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىس قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن ئايرىم ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدۇ.

ئەردوغاننىڭ يەنە، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ۋە گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇتتې بىلەنمۇ كۆرۈشىشى پىلانلانماقتا.

ئۇچرىشىشىتا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقتىن باشقا يەنە، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەرنىڭمۇ كۈن تەرتىپكە كېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئەردوغان بىلەن بايدىن ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىش، بايدېن ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغاندىن بۇيانقى ئىككى رەھبەر ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى ئۇچرىشىش ھېسابلىنىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان باشچىلىقىدىكى تۈركىيە ھەيئىتىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدىكى مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىسى، تۈركىيەنىڭ رايوندىكى ئۆزگىرىشلەرگە مۇناسىۋەلىك ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىك سەزگۈرلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش بولىدۇ. باشلىقلار يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىلەردىكى قەتئىي ئىرادىسى تەكىتلىنىدۇ.

تۈركىيەنىڭ ناتو دائىرىسىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى تولۇق ئورۇنداپ كېلىۋاتقان ئەزا دۆلەت ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىدۇ، تېرورلۇققا قارشى كۈرەش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىغا ئۈنۈملۈك ئارىلىشىش قاتارلىق ھەمكارلىق تەكلىپلىرى تەكرار تەكىتلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر