فاھرەتتىن ئالتۇن لىۋىيەدە مۇھىم سۆھبەتلەردە بولغانلىقىنى ئېيتتى

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر- ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن لىۋىيە زىيارىتى جەريانىدا لىۋىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكى ئۈچۈن مۇھىم سۆھبەتلەردە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

1656875
فاھرەتتىن ئالتۇن لىۋىيەدە مۇھىم سۆھبەتلەردە بولغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر- ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن تىۋىتتېر ھېسابىدىكى يازمىسىدا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت بىلەن بىرلىكتە لىۋىيەدىكى يېڭى ئەھۋاللار ئۈستىدە مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ھەمدە لىۋىيەنىڭ بىرلىكى، تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكى ئۈچۈن مۇھىم سۆھبەتلەردە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

لىۋىيە دۆلەت ئالاقە ئىشلىرى ۋە سىياسىي ئىشلار مىنىستىرى ئاممار ئەل-لافى بىلەنمۇ كۆرۈشكەنلىكىنى بايان قىلغان فاھرەتتىن ئالتۇن: «بىز ئۇنىڭ بىلەن ئاخبارات ۋە ئالاقە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئايرىم ئۇچرىشىش ئېلىپ باردۇق. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە تۈركىيە ئۆز رايونىدا ئۈنۈملۈك، ئىشەنچلىك ۋە كۈچلۈك ئاكتىيور بولۇش سۈپىتى بىلەن مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ شۇنداقلا رايوننىڭ ۋە يەر شارىنىڭ تىنچ – ئامانلىقى ئۈچۈن داۋاملىق ھەسسە قوشىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر