دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار لىۋىيە زىيارىتى دائىرىسىدە ھەربىي ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى

خۇلۇسى ئاقار لىۋىيە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال مۇھەممەد ئەلى ھاداد ۋە تىرىپولى ھەربىي رايون قوماندانى مايور گېنېرال ئابدۇلباسىت مەرۋان بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.

1656892
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار لىۋىيە زىيارىتى دائىرىسىدە ھەربىي ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
akar libya.jpeg
hulusi akar.jpg
akar.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار كۈتۈۋېلىشتىن كېيىن،  لىۋىيە ۋەزىپە گۇرۇپپىسى قوماندانلىق ئىشتابىدىكى خادىملار بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

تۈركىيە ۋە لىۋىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرى بارلىقىنى تەكىتلىگەن خۇلۇسى ئاقار، تۈركىيەنىڭ لىۋىيەنىڭ بىرلىكى، پۈتۈنلۈكى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن كېرەكلىك ئىشلارنى داۋاملىق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خۇلۇسى ئاقار ھەربىي ئىسيانچى ھافتەرنىڭ لىۋىيەدە بىگۇناھ كىشىلەرگە قىلغان ھۇجۇمىنى ئەسكەرتىپ، ھافتەر گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن كۆمۈلگەن ۋە ھەتتا ئويۇنچۇقلارنىڭ ئىچىگىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغان پارتىلاتقۇچلارنىڭ كىچىك بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇلۇسى ئاقار يەنە مۇنداق دېدى:

«بۇ پارتىلاتقۇچلار ۋە مىنالار سەۋەبىدىن پۇت-قوللىرىدىن ئايرىلغان ۋە شەھىد بولغان نۇرغۇن لىۋىيەلىك قېرىنداشلىرىمىز بار. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى بۇ يەردە، يەنە بىر قىسمى تۈركىيەدە داۋالىنىۋاتىدۇ. بۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن يەلكىمىزگە قانداق ۋەزىپە يۈكلىنىشىدىن قەتئى نەزەر ئۇنى ئورۇندىشىمىز، ئۇلارغا يول كۆرسىتىشىمىز ۋە ياردەمچى بولىشىمىز لازىم. بىز لىۋىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ ئازاب – ئوقۇبتىنى ئورتاقلىشىمىز ۋە بۇنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىدىغان پۈتۈن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىمىز. قېرىنداش بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىر مۇشت، بىر تەن بولۇپ، ھەققانىي دەۋالىرىدا لىۋىيە بىلەن بىرگە بولىمىز»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر