شىمالىي ئىراقتا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنچە - چاقماق ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدىكى ھەربىي بازىغا قىلغان راكېتا ھۇجۇمىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

1656458
شىمالىي ئىراقتا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى— پ ك ك ئەزالىرىنىڭ پەنچە  -  چاقماق ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدىكى  بىر ھەربىي بازىغا قىلغان راكېتا ھۇجۇمىدا ئېغىر يارىلانغان بىر ئەسكەرنىڭ، بالنىستقا ئېلىنغان دوختۇرخانىدىكى بارلىق تىرىشچانلىقلارغا قارىماي شېھىت بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا: «بىزنى چوڭقۇر ئازاب ۋە قايغۇغا سالغان بۇ ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىتلىرىمىزگە ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، ئۇنىڭ مۇسىبەتلىك ئائىلىسى، تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە ئالىيجاناب خەلقىمىزدىن ھال سورايمىز ۋە سەۋر تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر