قالىن سۇللىۋان بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋان بىلەن تېلېفونلاشتى.

1656637
قالىن سۇللىۋان بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋان بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، ئافغانىستان، سۈرىيە، لىۋىيە، شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە قىبرىسنى چۆرىدىگەن ھالدا رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى.

تېلېفون سۆھبىتىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشىنىڭ تەپسىلاتلىرى ۋە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

ناتونىڭ ئۇزۇن ئۆتمۈشكە ئىگە ئىككى ئىتتىپاقدىشى بولغان تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىجابىي كۈنتەرتىپنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىتىلىشى ۋە دىققەتنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى تەكىتلەندى.

تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار بارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت ۋە ھۆرمەت دائىرىسىدە مۇزاكىرە قىلىنىشى مۇھىملىقى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر