ئەردوغان-بايدىن ئۇچرىشىشىغا دىققەتلەر مەركەزلەشمەكتە

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ كۆرۈشۈشى يېقىنلىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا تاراتقۇلىرى بايدىننى ئاگاھلاندۇردى.

1655346
ئەردوغان-بايدىن ئۇچرىشىشىغا دىققەتلەر مەركەزلەشمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «National Interest» ژۇرنىلىنىڭ تور بېتىدە ئەردوغان-بايدىن كۆرۈشۈشى توغرىسىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە، «بايدىن ئامېرىكا-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى دىققەت بىلەن داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك» دېيىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن 14-ئىيۇن (2021) بېلگىيە پايتەىتى بىريۇسسېلدا ئېچىلىدىغان ناتو ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا كۆرۈشىدۇ. كۆرۈشۈشكە بىر قانچە كۈن قالغاندا، مەركىزىي ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ئەقىل ئامبىرى «National Interest»  ژۇرنىلىنىڭ بىر ماقالىسى دىققەت قوزغىدى.

«تۈركىيە بىلەن كەڭ دائىرىلىك دىپلوماتىك ئىستراتېگىيە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يەتتە يولى» تېمىسى ئاستىدىكى ماقالىدە، كۆرۈشۈشنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە زىيانغا ئۇچرىغان مۇناسىۋەتلەرنى تۈزۈتۈش ئۈچۈن پۇرسەت ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى ۋە «بايدىن ئامېرىكا-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى دىققەت بىلەن داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك» دېگەن سىگنال بېرىلدى.

ماقالىدە، پ ك ك|ي پ گ تېررورلۇقىمۇ تىلغا ئېلىندى ۋە «ئامېرىكا ناتو دۆلىتى بولغان تۈركىيەگە ي پ گ تېررورلۇقى مەسىلىسىدىكى ئەندىشەلىرى ئۈچۈن ئوچۇق جاۋاب بېرىشكە قەرزدار» دېيىلدى. بايدىننىڭ بۇ مەسىلىدە جەسۇرلۇق بىلەن باسىدىغان قەدىمىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى مۇھىم دەرىجىدە ياخشىلايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

ماقالىدە، «S-400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىلىرى مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەندى. ئامېرىكانىڭ تۈركىيەگە «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى سېتىپ بېرىش يولىنى سۇنۇشى ۋە تۈركىيەنى «F-35» ئايروپىلانى پىروگراممىسىغا كىرگۈزۈشنىڭ، بۇنىڭغا پايدىلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر كومىتېتنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسىنى بىتەرەپ ھالدا مۇزاكىرە قىلىشىنىڭ، مۇناسىۋەتلەرگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ماقالىدە يەنە، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ، ئامېرىكا سوتلىرىغىمۇ ئەرز قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىشى كېرەكلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر