سىئىرتتا بىر ئامانلىق قوغدىغۇچىسى شېھىت بولدى
سىئىرتنىڭ پەرۋارى ناھىيەسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ بىر ھەربىي بازىغا مىلتىقلارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە بىر ئامانلىق قوغدىغۇچىسى شېھىت بولدى، بىر ئامانلىق قوغدىغۇچىسى يارىلاندى.
1655076

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىئىرت ۋالىيلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، پەرۋارى ناھىيەلىك ژاندارما قوماندانلىقىنىڭ سالاھىيەت رايونىدىكى دوغان يېزىسى دەگىرمەنتېشى ھەربىي بازىسىغا پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ ئۇزۇن سىتۋوللۇق قوراللارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى؛ ھۇجۇمدا بىر ئامانلىق قوغدىغۇچىسىنىڭ شېھىت بولغانلىقى ۋە بىر ئامانلىق قوغدىغۇچىسىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، يارىلانغان ئامانلىق قوغدىغۇچىسىنىڭ سىئىرت تەلىم – تەربىيە دوختۇرخانىسىدا بالنىستقا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.