تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 87 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازاقىلغانلارنىڭ سانى  87 كىشىىگە يەتتى.

1654946
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 87 كىشى قازا قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يۇقۇم باشلانغاندىن بۇيان قازا قىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 48 مىڭ 428 كىشىگە يەتتى.

يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 224 مىڭ 193 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 558 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى. كۈندىلىك يېنىك يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلگەنلەرنىڭ سانى 6454 گە يەتتى.

ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 6647 كىشىنى قوشقاندا، ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 5 مىليون 179 مىڭ 883 كىشىگە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر