شىرناقتا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

شىرناقتا «ئەرەن – 13» ھەربىي ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى بىر تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1652949
شىرناقتا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئەرەن – 13» ھەربىي ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە، شىرناق – مەركەز ناھىيەسى جۇدى تېغى تۇشىمىيا ۋادىسى رايونىدا، ئالاھىدە قىسىملارنىڭ ھەرىكىتى داۋامىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى بىر تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، رايوندا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر