فىرات قالقىنى رايونىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

سۈرىيەدە «‹ فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ غا ئەزا 6 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1653124
فىرات قالقىنى رايونىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «تېررورىزمغا ۋە تېررورچىلارغا چىقىش يولى يوقتۇر. خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەرلىكنىڭ كاپالەتچىسى بولغان ئالاھىدە قىسىملىرىمىز، ئىككىسى فىرات قالقىنى رايونىدا، 4 تى تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى رايونىدا بولۇپ، ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ غا ئەزا 6 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.»

ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ، «ئەرەن – 13» ھەربىي ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە، شىرناق – مەركەز ناھىيەسى جۇدى تېغى تۇشىمىيا ۋادىسى رايونىدا، ئالاھىدە قىسىملارنىڭ ھەرىكىتى داۋامىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئەزا بىر تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى، رايوندا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى  بىلدۈرۈلگەنىدى.

بۇ ئارىلىقتا، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يەنە بىر باياناتتا، «ئەرەن -1» ھەربىي ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە، ۋان – باشقەلئە يېزىسىدا بىر تەرەپ قىلىنغان 3 تېررورچىدىن بىرىنىڭ، «تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكى» دىكى «كۈلرەڭ كاتېگورىيە» دىن ئورۇن ئالغان، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش باشقەلئە مەسئۇلى «ئاگىت» تەخەللۇسلۇق گۆكخان دەمىر ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر