مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بۈگۈن فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بۈگۈن فىرانسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ژان يىۋېس لې درىياننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

1652463
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بۈگۈن فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتە چاۋۇشئوغلۇ لې درىئان بىلەن كۆرۈشىدۇ.

ئۇچرىشىشتا تۈركىيە-فرانسىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ئۇچرىشىشتا يەنە، رايوننىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىلىرى ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر