چاۋۇشئوغلۇ بۇلغارىيە ئەركىنلىكلەر پارتىيەسى رەھبىرىنى قوبۇل قىلدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بۇلغارىيە خەلق ۋە ئەركىنلىكلەر ھەرىكىتى پارتىيەسى رەھبىرى مۇستافا قارادايىنى قوبۇل قىلدى.

1651848
چاۋۇشئوغلۇ بۇلغارىيە ئەركىنلىكلەر پارتىيەسى رەھبىرىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى تۈركلەردىن تەشكىل تاپقان  بۇلغارىيە خەلق ۋە ئەركىنلىكلەر ھەرىكىتى پارتىيەسى رەھبىرى مۇستافا قارادايى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىش ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت بۇلغارىيە خەلق ۋە ئەركىنلىكلەر ھەرىكىتى پارتىيەسى رەھبىرى مۇستافا قارادايى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقدىكى ھەيئەت بىلەن كۆرۈشتۇق. تۈركىيە بىلەن بۇلغارىيە ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق كۆۋرۈكى بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەردائىم يېنىدىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر