تۈركىيە - ئەزەربەيجان يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي سۆھبەت يىغىنى باكۇدا باشلاندى

تۈركىيە- ئەزەربەيجان 13- نۆۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي دىيالوگ يىغىنى ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا باشلاندى.

1650882
تۈركىيە - ئەزەربەيجان يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي سۆھبەت يىغىنى باكۇدا باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لېيتېنانت گېنېرال كەرىم ۋەلىيېۋ بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئارمىيە باش ئىشتابىنىڭ ئىككىنچى باشلىقى لېيتېنانت گېنېرال سەلچۇق بايراقتارئوغلۇ باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يىغىندا، ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى بىخەتەرلىك، ھەربىي، ھەربىي - تېخنىكا، ھەربىي داۋالاش، ھەربىي تەلىم - تەربىيە، ھەربىي سانائەت ۋە باشقا ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، ھەربىي ۋە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تەرەققىيات كۆز قارىشى ۋە ئاساسلىق پائالىيەت ساھەلىرى كۆزدىن كەچۈرۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر